تۈركىيە يەمەندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ۋەدىسىنى جەزملەشتۈرۈشىگە يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە، يەمەندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىيوردانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي ئىشلار ماسلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىدا، رامىزان ئېيىدا ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىشقا مۇناسىۋەتلىك ۋەدىنىڭ جەزملەشتۈرۈلگەن بولۇشىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1853957
تۈركىيە يەمەندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ۋەدىسىنى جەزملەشتۈرۈشىگە يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، «بىز، يەمەندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئومماندا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي ئىشلار ماسلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىدا، رامىزان ئېيىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدە ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش ۋەدىسىنىڭ قايتا تەكىتلەنگەنلىكىنى قارشى ئالىمىز. بۇ دائىرىدە، دۆلەت مىقياسىدىكى بەزى يوللارنىڭ ئېچىلىشىغا، يەمەندە داۋاملىشىۋاتقان ئىنسانىي كىرىزىسنى ھەل قىلىش يولىدا تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم دەپ باھا بېرىمىز.» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ھازىرغىچە قانداق بولۇپ كەلگەن بولسا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەمەندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دىيالوگ ئورنىتىش تىرىشچانلىقىنى شۇنداق قوللايدىغانلىقى ۋە يەمەن خەلقى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، «تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى بۇ سۆھبەتنىڭ مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىشنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىغا ۋە ئىختىلاپلارنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرى ۋە بېكىتىلگەن خەلقئارالىق پارامېتىرلار دائىرىسىدە ھەل قىلىنىشىنى كۈچكە ئىگە قىلىدىغان بىر سىياسىي مۇساپىگە تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز»دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر