تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسى قۇربان ھېيت شادلىقىغا چۆمدى

قۇربان ھېيتنىڭ باشلىنىشى بىلەن بىرلىكتە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاشلا تۈركىيە مۇسۇلمانلىرىمۇ قۇربان ھېيت نامىزىنى ئۆتەش ئۈچۈن مەسچىتلەرنى تولدۇردى.

1853952
تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسى قۇربان ھېيت شادلىقىغا چۆمدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى رەئىسى مۇستاپا شەنتوپ قۇربان ھېيت نامىزىنى ئىستانبۇلدىكى ئاياسوفيائى كەبىر جامىئى شەرىفتە ئۆتىدى؛ ئۇ تۈرك خەلقى ۋە ئىسلام ئالەمىنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ھېيت نامىزىنى ھاككارىنىڭ يۈكسەكئوۋا ۋاركاۋىك تۆپىلىكى ھەربىي بازىسىدىكى ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆتىدى.

ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا خەلق مەسچىتلەرنى تولدۇرۇپ، ھېيت نامىزى ئۈچۈن سەپلەرنى تولدۇردى؛ پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ تەبرىك تېلېگراممىسى تارقىتىپ، ئەزەربەيجانلىقلارنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلىدى.

قىرغىزىستان مۇسۇلمانلىرىمۇ ھېيت نامىزىنى مەسچىتلەردە ۋە چوڭ شەھەرلەرنىڭ چوڭ مەيدانلىرىدا ئۆتىدى؛ قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقىتىپ، خەلقنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلىدى.

ئۆزبېكىستاننىڭمۇ ھەرقايسى جامە ۋە مەسچىتلىرىدە قۇربان ھېيت نامىزى ئادا قىلىندى.

قازاقىستان مۇسۇلمانلىرى قۇربان ھېيتنى جامەلەرنىڭ سەينالىرىدا ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ئويۇنلىرى ۋە خەير – ساخاۋەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ تەبرىكلىمەكتە؛ قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر تارقىتىپ، قۇربان ھېيتنىڭ جەمئىيەتتىكى مەنىۋى قىممەتلەر، ماسلىشىش ۋە مۇقىملىقنىڭ كۈچىيىشىدە مۇھىم رول ئوينايىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بۇ مۇبارەك كۈندە بارلىق دۇئالىرىمىز قوبۇل قىلىنغاي» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار ھېيت نامىزىنى گىرنەدىكى نۇرەتتىن ئەرسىن پاشا جامەسىدە ئۆتىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر