ئەردوغان «ئىسلام دۇنياسى» نىڭ «قۇربان ھېيت» ىنى تەبرىكلىدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋىدېئولۇق بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە خەلقى ۋە «ئىسلام دۇنياسى» نىڭ «قۇربان ھېيت» ىنى تەبرىكلىدى.

1853837
ئەردوغان «ئىسلام دۇنياسى» نىڭ «قۇربان ھېيت» ىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، باياناتىدا،  دۇنيانىڭ ساغلاملىقتىن بىخەتەرلىككىچە ھەر ساھەدە ئېغىر خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق ھالقىلىق دەۋرلەرنىڭ خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە قېرىنداشلىقنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان ئېڭىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ 2023-يىللىق ئىستىراتېگىيەلىك نىشانلىرىغا يېتىشى، بىز ياشلىرىمىزغا قالدۇرىدىغان ئەڭ قىممەتلىك مىراس بولغان 2053-يىللىق ئۇلۇغۋار نىشانغا قەتئىي ئىرادە بىلەن يېتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر