تۈركىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەنقەرەدە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى
تۈركىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى رايون خاراكتېرلىق مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
1851898
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تۈنۈگۈن تۈركىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى پايتەخت ئەنقەرەدىكى مىنىستىرلىق بىناسىدا يىغىن ئاچقان.
يىغىن جەريانىدا ئۆزئارا، رايون خاراكتېرلىق مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.