تۈركىيە قاراقالپاقىستاندىكى ۋەقەلەر توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆزبېكىستاننىڭ قاراقالپاقىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

1851903
تۈركىيە قاراقالپاقىستاندىكى ۋەقەلەر توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، ئۆزبېكىستاننىڭ قاراقالپاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ يېقىندىن كۆزىتىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ: «بىز ئورتاق مەدەنىيەت، كۈلتۈر ۋە تارىخىي رىشتىمىز بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھىمىز، دوست ۋە قېرىنداش ئۆزبېكىستاننىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە كۈچلۈك ئەھمىيەت بېرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ۋەقەلەر جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە يارىلانغانلارغا شىپالىقلار تىلەنگەن باياناتتا: «بىز ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقنىڭ سوغۇققانلىقنى ساقلاپ، ۋەقەلەرنى تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك يولى بىلەن ھەل قىلىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىمىز» دېيىلدى.

ئۆزبېكىستان ئاساسىي قانۇنىدىكى قاراقالپاقستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىي سالاھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ماددىلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى بەزى تەكلىپلەرنىڭ كۈنتەرتىپىگە كېلىشى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى قاراقالپاقستاندا نامايىشلارنىڭ باشلىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ۋەقەدىن كېيىن ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ، نامايىشلار داۋام قىلىۋاتقان نۇكۇسقا بېرىپ، خەلق بىلەن كۆرۈشۈپ، قاراقالپاقستاننىڭ سالاھىيىتىنىڭ ئۆزگەرتىلمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

نامايىشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشىدىن كېيىن پىرېزىدېنت مىرزىيايېۋ پەرمان چۈشۈرۈپ، قاراقالپاقىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە 2 - ئاۋغۇستقىچە جىددىي ھالەت ئېلان قىلغانىدى.

ئۆزبېكىستان باش تەپتىش مەھكىمىسى، ۋەقەلەردە 18 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 243 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە 516 كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر