تۈركىيە ئىراندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، ئىراندا ھورمۇزگاننى مەركەز قىلغان يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تاپقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1851085
تۈركىيە ئىراندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتتا، «يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، ئائىلىلىرىگە شۇنداقلا دوست ۋە قوشنا ئىران خەلقىگە ھەم ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمىز» دېيىلدى.

ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى ھورمۇزگان ئۆلكىسىدە جۈمە كۈنى كەچتە يۈز بەرگەن 6 بالدىن ئارتۇق يەر تەۋرەشتە 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 84 كىشى يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر