ئىراقنىڭ شىمالىدا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1850651

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، «تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى بىتچىت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. ئىراقنىڭ شىمالىدىكى <پەنچە-كلىت> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بايقالغان پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى يەنە ئارمىيەمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.