چاۋۇشئوغلۇ كۇلېبا بىلەن تېلېفونلاشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا بىلەن تېلېفونلاشتى.
1850511

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋاقىپلاندۇرۇش ئۇچۇرى تارقىتىپ، مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئۇكرائىنالىق مەنسەپدىشى دىمىترو كۇلېبا بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىنى ئۇقتۇردى. بىراق ئۇچۇردا، تېلېفون سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنىغا دائىر تەپسىلاتلارغا ئورۇن بېرىلمىدى.