ئەردوغان ئاۋستىرىيە باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاۋستىرىيە باش مىنىستىرى كارل نېخاممېر بىلەن كۆرۈشتى.
1850032

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باشلىقلار يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزئارا ئۇچرىشىشلار دائىرىسدە، ئاۋستىرىيە باش مىنىستىرى كارل نېخاممېر بىلەن كۆرۈشتى.
ئۇچرىشىشتا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇمۇ ھەمراھ بولدى. ئۇچرىشىش ئاخباراتچىلارغا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى.