ئەردوغان تەييارلىقلارنىڭ تاماملىنىشى بىلەن تەڭ يېڭى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «سۈرىيە چېگرامىزدا شەكىللەندۈرۈشكە باشلىغان بىخەتەرلىك كارىدورىمىزنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلاش خىزمەتلىرىمىز ئاخىرلاشقان ھامان يېڭى (ھەربىي) ھەرىكەتلەرنى باشلايمىز» دېدى.

1848892
ئەردوغان تەييارلىقلارنىڭ تاماملىنىشى بىلەن تەڭ يېڭى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، سۈرىيە چېگراسىدا بەرپا قىلىنىۋاتقان بىخەتەرلىك كارىدورىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلاش تەييارلىقلىرى پۈتكەن ھامان يېڭى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ،  «ئارمىيەمىزنىڭ بارلىق خادىملىرىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆزىدە، بۈگۈن ئىسپانىيەدە ئېچىلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن مادرىدقا بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «دۆلىتىمىزنىڭ ھەق – ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلىرى نېمىنى تەقەززا قىلسا، شۇنى قىلىمىز... (ناتو باشلىقلار يىغىنىدا) پ ك ك / ي پ گ، فەتۆ قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى توغرىسىدا نامايان قىلىنغان رىياكارلىقلارنى سۆھبەتداشلىرىمىزغا پاكىتلار، ئۇچۇرلار، كۆرۈنۈشلەر بىلەن بىرلىكتە كۆرسىتىپ ئۆتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر