تۈركىيە ئىيوردانىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە ئىيوردانىيەنىڭ ئەقەبە پورتىدىكى پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنقەرەنىڭ ئەقەبە پورتىدا قازارا يۈز بەرگەن پارتلاشتا بىر قانچە كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى؛ باياناتتا: «بىز بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھىم-شەپقەت تىلەيمىز، دوست ۋە قېرىنداش ئىيوردانىيە خەلقىگە، بولۇپمۇ قازاغا ئۇچرىغانلارنىڭ تۇغقانلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز ھەمدە يارىلانغانلارنىڭ سالامەتىلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
ئىيوردانىيەنىڭ ئەقەبە پورتىدا زەھەرلىك گاز قاچىلانغان بىر كونتېينىرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، 12 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، 260 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.