لىۋان باش مىنىستىرى تۈركىيەنىڭ ياردەملىرى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى

لىۋان باش مىنىستىرى نەجىب مىقاتى تۈركىيەنىڭ ھەر ساھەدە لىۋاننى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

1848406
لىۋان باش مىنىستىرى تۈركىيەنىڭ ياردەملىرى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، مىقاتى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) سەھىيە، ئائىلە، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى رەجەپ ئاقداغىنىڭ زىيارىتىنى تۇرالغۇسىدا قوبۇل قىلغان.

مىقاتى بىلەن ئاقداغى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سەھىيە ھەمكارلىقى ۋە بۇ يۆنىلىشتىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە مۇزاكىرىلەشكەن.

باياناتتا، تۈركىيەنىڭ ھەر ساھەدە لىۋاننى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن باش مىنىستىر نەجىب مىقاتىنىڭ ئالاھىدە رەھمەت ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مىقاتى بىلەن ئاقداغىنىڭ ئۇچرىشىشىغا لىۋان سەھىيە مىنىستىرى فىراز ئابياد ۋە تۈركىيەنىڭ بېيرۇتتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەلى بارىش ئۇلۇسويمۇ قاتناشتى.

رەجەپ ئاقداغى «لىۋاندا سىجىل سەھىيە سىستېمىسىغا يۈزلىنىش» تېمىلىق كونفېراسقا قاتنىشىش ئۈچۈن 24 - ئىيۇن لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتقا يېتىپ بارغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر