تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىدىكى بىر تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

ئۇجۇقتۇرۇلغان تېرورچىلاردىن بىرىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىنىڭ كۈلرەڭ كاتېگورىيەسىدىكى ئارىن تەخەللۇسلۇق شۇكران ئالپ ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

1847855
تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىدىكى بىر تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ سىئىرت ۋىلايىتىدە ئېلىپ بارغان «ئەرەن قامال قىلىش-17» ناملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا بىر تەرەپ قىلىنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچىنىڭ بىرىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىنىڭ كۈلرەڭ كاتېگورىيەسىدە ئىسمى بارلىقى ئېنىقلاندى.

سىئىرت پەرۋارى يازلىجا (ھەرەكول) تاغلىق رايونىغا يوشۇرۇنۇۋالغانلىقى ئېنىقلانغان تېررورچىلارغا قارشى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى ئېلىپ بېرىلغان <ئەرەن قامال قىلىش -17 شېھىت ژاندارما ئوفېتسىرى ئەرەن ئۆزجان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغانىدى.

ئۇجۇقتۇرۇلغان تېرورچىلاردىن بىرىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىنىڭ كۈلرەڭ كاتېگورىيەسىدىكى مەلۇم قىلغۇچىلارغا 500 مىڭ تۈرك لىراسى سۆيۈنچە بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئاتالمىش بوتان ئۆلكىسى ھەرەكول رايونىدانىڭ ئايال مەسئۇلى ۋە تەشكىلاتنىڭ مىناچىسى ئارىن تەخەللۇسلۇق شۇكران ئالپ ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

بۇ تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى بىلەن 5 - ئاينىڭ  31- كۈنى سىئىرتنىڭ پەرۋارى ناھىيەسى دوغان يېزىسى تاغلىق رايونىدا تېررورچىلارنىڭ يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان مىناسىغا بېسىۋېلىپ شېھىت بولغان ئوفېتسىر ئەركان ئۆزجاننىڭ قىساسى ئېلىنغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر