چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە قىلچە يول قويمايدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە باشقىلارغا قىلچە يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1847886
چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە قىلچە يول قويمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، مالاتيادا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا قىلغان سۆزىدە، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقى مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ تەلەپلىرىنىڭ كونكرېت قەدەملەر بىلەن قاندۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خەلقىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە باشقىلارغا قىلچە يول قويالمايمىز. شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقى مەسىلىسىمۇ دەل شۇنداق قىلىۋاتىمىز. بىزنىڭ ئۇلاردىن تەلەپ قىلىۋاتقىنىمىز، كۈتۈۋاتقانلىرىمىز مۇمكىن بولمايدىغان ئىشمۇ ئەمەس. سىلەر تېررورىزمنى قوللاۋاتىسىلەر، قوللىماڭلار. تېررورچىلارنى دۆلىتىڭلاردا باغرىڭلارغا بېسىۋاتىسىلەر، ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە رۇخسەت قىلىۋاتىسىلەر، ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىگە كۆز يۇمۇۋاتىسىلەر،  ئاشۇ جايلاردىن قەندىل تېغىغا، ياكى شۇ تاپتا تۇرۇۋاتقان رايونلارغا بالىلارنىڭ مەجبۇرىي تۇتۇپ كېتىلىشىگە ۋەسىلە بولۇۋاتىسىلەر. ئۇلارنىڭ بۇ پائالىيەتلىرىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتىسىلەر، توسالغۇ بولمايۋاتىسىلەر. ئەگە سىلەر ئىتتىپاقداش بولۇشنى خالىساڭلار، تۈركىيەنى دۈشمەن دۆلەتتەك كۆرمەسلىكىڭلار كېرەك. تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى تۈپەيلى ئېمبارگو يۈرگۈزمەسلىكىڭلار لازىم. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە قوشۇلمايمىز، دېسەڭلار، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغىمۇ ئەزا بولالمايسىلەر. مەسىلە مانا مۇشۇنداق ئاددىيدۇر.»

پ ك ك بىلەن ي پ گ نىڭ بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، ھېچكىمنىڭ باھانىلارنىڭ ئارقىسىغا ساقلانماسلىقى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەب بولۇۋاتقان ئاشلىق كىرىزىسى توغرىلىقمۇ توختالغان چاۋۇشئوغلۇ، رۇسىيەدىن ئاشلىق ئېكسپورت قىلىنىشىغا يول ئېچىشقا تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېش  <بۇ مەسىلىنى پەقەت تۈركىيەلا ھەل قىلالايدۇ> دەۋاتىدۇ. دەرۋەقە، بۇ تۈركىيەگە بولغان ئىشەنچنىڭ نامايەندىسىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر