ئوقتاي پايتەخت ئەنقەرەدە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى فۇئات ئوقتاي ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى لىز تراس بىلەن كۆرۈشتى.

1847233
ئوقتاي پايتەخت ئەنقەرەدە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسلىك ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوقتاي بىلەن ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى تراسنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشىدا، ئىككى تەرەپ ۋە كۆپ تەرەپلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، تراسنى كۈتۈۋالغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئوقتاي، بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر