ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يائىر لاپىد ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى
ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يائىر لاپىد دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى.
1847431
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يائىر لاپىد زىيارىتى دائىرىسىدە بۈگۈن دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن مىنىستىرلىق بىناسىدا كۆرۈشىدۇ.
ئىككى دۆلەت ھەيئەتلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن لاپىد بىلەن چاۋۇشئوغلۇ قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.