تۈركىيە ئافغانىستانغا ياردەم قىلدى

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى ئافغانىستاننىڭ پاكتىكا ۋىلايىتىدە تۈنۈگۈن مەيدانغا كەلگەن 5.9 بال چوڭلۇقتىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان 500 ئائىلىگە يېمەكلىك بۇيۇملىرى ئەۋەتتى.

1847043
تۈركىيە ئافغانىستانغا ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، جەمئىيەتنىڭ رايوندىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەترەتلەرنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئېھتىياجلىقىنى قامداش ئۈچۈن سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەترەتلەر تەرىپىدىن يەر تەۋرەش رايونىدىكى 500 ئائىلىگە يېمەكلىك بۇيۇملىرى قاچىلانغان ئورالمىلارنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، ئەترەتلەرنىڭ، يەر تەۋرەش رايونىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ياردەمگە مۇھتاجلارنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن كەڭ دائىرىلىك خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، ياردەمگە مۇھتاجلارنى ئېنىقلاپ چىقىش خىزمىتى تاماملانغاندىن كېيىن، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن يېمەكلىك ۋە يېمەكلىكتىن باشقا ياردەم بۇيۇملىرىنى ئەۋەتىش ۋە جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

رايوندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە مىڭ كىشى قازا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر