دىيارباقىردا 2 ئەسكەر شېھىت بولدى

دىيارباقىردا ئېلىپ بېرىلغان «ئەرەن قامال قىلىش – 18» ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرى بىلەن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 2 ئەسكەر شېھىت بولدى.

1847117
دىيارباقىردا 2 ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دىيارباقىر ۋىلايىتىنىڭ لىجە ناھىيەسى يېزىلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان  «ئەرەن قامال قىلىش – 18 قوراللىق ساقچى، ئونبېشى  دوغان داغجى» ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرى بىلەن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، قوراللىق ساقچى، سېرژانت، پېشقەدەم ئەترەت باشلىقى ئوغۇزخان ئاردۇچ، قوراللىق ساقچى، كەسپىي ئەسكەر، ئەترەت باشلىقى تۇرغۇت ئىچەن ۋە قوراللىق ساقچى، كەسپىي ئەسكەر،  ئونبېشى مۇستافا جان ئاقدوغان يارىلانغان.

يارىدارلاردىن ئاردۇچ بىلەن ئىچەن، دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولغان.

 تېررورچىلارنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلىشى ۋە بىر تەرەپ قىلىنىشى ئۈچۈن، رايونغا زاپاس قىسىملار ئەۋەتىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر