چاۋۇشئوغلۇ ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەنقەرەدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار  ۋەزىرى لىز تراس بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

1847273
چاۋۇشئوغلۇ ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇكرائىنادىن ئېچىلىدىغان ئاشلىق كارىدورى توغرىسىدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، قارادېڭىزدىكى ئاشلىق كارىدورى ئۈچۈن ئىجابىي رول ئويناۋاتىمىز. رۇسىيەدىن ئىستانبۇلدا پىلانلانغان يىغىن ئۈچۈن ئىجابىي جاۋاب كۈتۈۋاتىمىز.»

ئۇكرائىنا ئاشلىقىنىڭ ياكى ھەرقانداق بىر مەھسۇلاتنىڭ رۇسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېلىنىپ، قانۇنسىز ھالدا سېتىلىشىغىمۇ قارشى ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ««تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇنىڭ بىزگە كېلىشىگىمۇ يول قويمايمىز. ئەگەر كېلىشىم ھاسىل قىلىنسا، ئىستانبۇلدا بىر كونترول مەركىزى ۋە ئۇكرائىنا دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ سىرتىدا بىر بىخەتەر رايون قۇرۇلىدۇ.»

شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسى توغرىلىقمۇ توختالغان چاۋۇشئوغلۇ، «پەقەت ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنغانلارنىڭلا ئەمەس، ھەممە كىشىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىشى كېرەك» دېيىش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرىنىڭ نەرەزگە ئېلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر بۇ ئىككى دۆلەت (شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيە) ئىتتىپاقداش بولماقچى بولسا، ئۇنداقتا، ئۇلار چوقۇم شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. بولۇپمۇ (29  – 30 – ئىيۇن كۈنلىرى چاقىرىلىدىغان) شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا، تېررورىزم تېما قىلىنغان بىر ئولتۇرۇش تەشكىللىنىشىنى مۇھىم دەپ قارايمىز.»

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار  ۋەزىرى لىز تراس بولسا، ئەگەر ئاشلىق مەسىلىسى ئەڭ كېچىككەندىمۇ كېلەر ئاي ھەل قىلىنمىسا، ئەگەر ئۇكرائىنادىكى پورتلاردىن ئاشلىقلار چىقىرىلمىسا، بۇنىڭ ئېغىر ئاچارچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقى مەسىلىسى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارىمىز، فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى، كۈچىمىزگە كۈچ قاتىدۇ، دەپ قارايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر