تۈركىيە ئافغانىستاندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيەنامە ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئافغانىستاندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيەنامە ئېلان قىلدى.

1846888
تۈركىيە ئافغانىستاندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى مۇناسىۋىتى بىلەن  تەزىيەنامە ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە  تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى 5.9 بال يەر تەۋرەشنىڭ نۇرغۇن تالاپەتكە، يارلىنىش ۋە ئېغىر زىيانلارغا سەۋەب بولغانلىقى، بولۇپمۇ پاكتىكا ئۆلكىسىدە نۇرغۇن ئۆلۈم-يېتىم، يارىلىنىش ۋە ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تاپتۇق» دېيىلدى.

باياناتتا نۆۋەتتە ئافغانىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان قىزىل ئاي جەمئىيىتى تەرىپىدىن رايوندىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئەۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا: «تۈركىيە ھەر ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان قېرىنداش ئافغانىستانلىقلارغا ھەر خىل ياردەملەرنى بېرىشكە تەييارمىز. ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، يېقىن – يورۇقلىرى ۋە قېرىنداش ئافغانىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز ھەمدە يارىدارلارغا بالدۇرراق شىپالىق تېلەيمىز» دېيىلدى.

ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 920 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 600 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر