ب د ت گۇتېرس بىلەن ئەردوغاننىڭ كۆرۈشۈشى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

ب د ت تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن باش كاتىپ ئانتونىيو گۇتېرسنىڭ «ئۇكرائىنادا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردىن دۇنيا بازارلىرىغا ئاشلىق ئېكسپورت قىلىشنىڭ يوللىرى» نى مۇھاكىمە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1846575
ب د ت گۇتېرس بىلەن ئەردوغاننىڭ كۆرۈشۈشى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپ باياناتچىسى ستېفان دۇجارىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن باش كاتىپ ئانتونىيو گۇتېرس دۈشەنبە كۈنى (20-ئىيۇن) تېلېفوندا كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە، ئۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئاشلىقلارنى دۇنيا بازارلىرىغا قانداق ئېكسپورت قىلىش مەسىلىسى ئاساسلىق مۇزاكىرە قىلىندى. مۇزاكىرەلەر جىددىي داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئەمما بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئېنىق ۋاقىت توغرىسىدا بىر نەرسە دېيەلمەيمەن» دېدى.

غەرب دۆلەتلىرى ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىشنى توختاتمىغان رۇسىيەگە قارشى ئېغىر ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنى يۈرگۈزگەن ئىدى.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى باشلىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى سەۋەبىدىن 24-فېۋرالدىن (2022) تارتىپ ئاشلىق بېسىلغان قاتناش پاراخوتلىرى ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن چىقالمىغاچقا، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئاشلىق كىرىزىسىغا دۇچ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر