سىئىرتتا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 2 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى
سىئىرت ۋىلايىتىنىڭ پەرۋارى ناھىيەسىگە قاراشلىق ھەرەكول تېغى يېزىسىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئەرەن قامال قىلىش – 17» ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 2 تېررورچى، قورال – ياراغ ۋە ئوق – دورىلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىنغان.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، رايوندا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «تېررورىزم ۋە تېررورچىلارغا قرشى كۈرىشىمىز قەتئىي ئىرادە ۋە مىسلىسىز ئىشەنچ بىلەن كەسكىن داۋاملاشماقتا. قەھرىمان قىسىملىرىمىز، ئىراقنىڭ شىمالىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقان ‹پەنجە – قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 5 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراق ۋە سۈرىيەدە 75 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلمەكتە.