چاۋۇشئوغلۇ لافى بىلەن كۆرۈشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ لىۋىيە پىرېزىدېنت كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇللاھ ئەللافى بىلەن كۆرۈشتى.
1846450
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «لىۋىيە پىرېزىدېنت كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇللاھ ئەللافى بىلەن كۆرۈشتۇق. لىۋىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزنى قوللاشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىمىز.»