ئەردوغان ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىساج ھېرزوگ بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىساج ھېرزوگ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1845482
ئەردوغان ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىساج ھېرزوگ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر - ئالاقە باشقارمىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، سۆھبەتتە تۈركىيە-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ھېرزوگنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، تېررورلۇق ۋە بىخەتەرلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەردە دىئالوگنى ساقلاپ قېلىش، تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن داۋاملىق ھەمكارلىق ئورنىتىشتا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغان.

ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ھېرزوگ تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشتىىكى تىرىشچانلىقى ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر