ئەنقەرە نورۋېگىيە پۇقرالىرىنىڭ كىملىك كارتىسى بىلەن تۈركىيەگە كىرەلىشىدىكى سەۋەبكە ئىزاھات بەردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، نورۋېگىيە پۇقرالىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى كىرگۈزۈلگەن ئۆزەكلىك كىملىكى بىلەن تۈركىيەگە كىرىشىنىڭ ۋاقىتلىق كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1845114
ئەنقەرە نورۋېگىيە پۇقرالىرىنىڭ كىملىك كارتىسى بىلەن تۈركىيەگە كىرەلىشىدىكى سەۋەبكە ئىزاھات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، باش ئەلچى تانجۇ بىلگىچ، نورۋېگىيە پۇقرالىرىنىڭ كىملىك كارتىسى بىلەن تۈركىيەگە كىرەلەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا يازما شەكىلدە جاۋاب بەردى.

نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننىكېن خۇيتفېلدتنىڭ بۇ ھەپتە ئىشقا ئاشۇرغان تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا ھېچقانداق كېلىشىم ئىمزالانمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بىلگىچ، «نورۋېگىيە پۇقرالىرى دۇنيادىكى ئۆزەك كىرىزىسى سەۋەبىدىن پاسپورتلىرىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتالمىغانلىقى، شۇنداقلا بىزنىڭ ساياھەت ساھەمىزنىڭ تەلەپلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، نورۋېگىيەلىكلەرنىڭ بۇ يىل ساياھەت پەسلىدە دۆلىتىمىزگە كېلىشلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بۇ ۋاقىتلىق تۈزۈم يولغا قويۇلدى. بۇ ۋاقىتلىق بەلگىلىمىگە ئاساسەن، نورۋېگىيە پۇقرالىرى ئالتە يېرىم ئاي بويىچە شەخسىي ئۇچۇرلىرى كىرزۈلگەن ئۆزەكلىك كىملىك بىلەن تۈركىيەدە ساياھەت قىلالايدۇ» دېدى.

بىلگىچ، بەلگىلەنگەن مۇددەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن نورۋېگىيە پۇقرالىرىنىڭ پەقەت پاسپورتلىرى بىلەنلا تۈركىيەگە كىرەلەيدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر