ئىراقنىڭ شىمالىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

1844366
ئىراقنىڭ شىمالىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، پ ك ك ئەزاسى تېررورچىلارنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى <پەنچە-كلىت> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە يارىلانغان بىر ئەسكەرنىڭ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تېلېگرامما تارقىتىپ، قەھرىمان شېھىتكە ئاللاھتىن مەرھەمەت تىلىدى، مۇسىبەتلىك ئائىلىسىگە ۋە تۈرك خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى ۋە سەۋر تىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر