ت ر ت بالقان مۇنبىرى قۇرۇلدى

تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى-ت ر ت نىڭ يېڭى رەقەملىك خەۋەر سۇپىسى ( دىجىتال) ت ر ت بالقان، رايون خەلقى ۋە رايونغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە دۇنياۋى سەۋىيەدە ئورۇن ئاجرىتىش مەقسىتىدە، خەۋەر- پىروگرامما تارقىتىشنى باشلىدى.

1844187
ت ر ت بالقان مۇنبىرى قۇرۇلدى
trt balkan 4.jpg
trt balkan 3.jpg
trt balkan 1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئەنقەرەدە ت ر ت نىڭ يېڭى رەقەملىك خەۋەر سۇپىسى (دىجىتال)- ت ر ت بالقاننى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ت ر ت بالقاننى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ۋە ت ر ت باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجى سۆز قىلدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ بالقان رايونىدىكى يەتتە دۆلەتكە بەش تىلدا ئۇچۇر يەتكۈزىدىغان ت ر ت بالقاننىڭ خەۋەر-پىروگرامما تارقىتىشىنىڭ خەيرىلىك بولۇشىنى تىلىدى.

ئۇ تۈركىيە ۋە بالقان رايونىنىڭ ئورتاق مىراسىنى، تاراتقۇ ۋە مائارىپ بىلەن كېلەچەككە يەتكۈزۈشنىڭ ئۆز غايە ۋە نىشانلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئالدىنقىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بالقان رايونىدىكى تۈرك ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز بىلەن، مائارىپ ئورگانلىرىمىز ۋە ت ر ت بالقان سايىسىدا بارلىق ئالاقىلىرىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ت ر ت بالقانغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخبارات تارقىتىش ھاياتى تىلەپ: «مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ت ر ت بالقانمۇ جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ رەھبەرلىكىدە دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارالىق سەھنىلەردە قىلىۋاتقان ئادالەت كۈرىشىنى، بالقان رايونىدا زىممىسىگە ئالىدىغان ئامىللاردىن بىرى بولىدۇ. يەنە شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ت ر ت بالقان-بالقان رايونىنىڭ خەلقئارالىق سەھنىلەردىكى كۈچلۈك ئاۋازى بولىدۇ» دېدى.

ئۇ ت ر ت بالقاننىڭ رايوندىكى رىئاللىقلارنى سىرتقى كۈچلەرنىڭ ئېغىزى بىلەن ئەمەس، بەلكى رايون ئاكتىيورلىرىنىڭ ئېغىزى ۋە كۆزىدىن پۈتكۈل دۇنياغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ت ر ت باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجى دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان جايلاردا ئوخشىمىغان تىللاردا ئەمەلگە ئاشۇرغان مۇنبەرلەر ئائىلىسىگە، ت ر ت بالقاننىڭ قوشۇلغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«بالقانلاردا ئاخبارات رىقابىتى بىر قەدەر مۇرەككەپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەر، تەتۈر تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئېنىق ھېس قىلىنىدىغان ۋە فەتھۇللاھچى قانلىق تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئوخشاش قۇرۇلمىلار تەسىر دائىرىسى ھاسىل قىلماقچى بولۇۋاتقان بىر يەر. ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىر تەرەپلىمە خەۋەر-پىروگراممىلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، رايون خەلقىنى خاتا ئۇچۇرلار بىلەن ئۆز تەسىر دائىرىسىدە تۇتۇپ تۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر رايوندا، كۆپ تىللىق رەقەملىك خەۋەر سۇپىسى قۇرۇش ئارقىلىق بۇ تەرتىپكە قارشى تۇرىمىز.»

يېڭى رەقەملىك خەۋەر سۇپىسىت ر تبالقان، رايون خەلقى ۋە رايونغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە دۇنياۋى سەۋىيەدە ئورۇن ئاجرىتىش مەقسىتىدە خەۋەر پىروگراممىسى تارقىتىشنى باشلىغان بولۇپ، پىروگراممىلار ماكېدونچە، ئالبانچە، بوشناقچە، كىرودىيەچە ۋە سېربچە تىللىرىدا تارقىتىلىدۇ. بالقان رايوندىكى 30 مىليوندىن ئارتۇق خەلققە خىتاب قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر