چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە – سېربىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا نىشانىغا بۇ يىل يېتىلىشى كۈتۈلمەكتە

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە – سېربىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 5 مىليارد دوللارلىق نىشاننىڭ يېرىمىغا بۇ يىل يېتىلىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1844536
چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە – سېربىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا نىشانىغا بۇ يىل يېتىلىشى كۈتۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان سېربىيەدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكولا سېلاكوۋىچ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭمۇ ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە سېربىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۆلەت باشلىقلىرىمىز بېكىتكەن، تۈركىيە- سېربىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 5 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشانىغا يېتىش يولىدا غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىمىز. بۇ يىل بۇ نىشاننىڭ يېرىمىغا يېتىلىشىگە ئىشىنىمىز. دەرۋەقە، ھازىرقى ئىستاتىسكىلىق مەلۇماتلارمۇ بۇنىڭ شۇنداقلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە. 2021 – يىلى سودا ئومۇمىي سوممىمىز 2 مىليارد دوللاردىن ئاشقانىدى. بۇ يىلنىڭ بىرىنچى چارىكىدىكى % 31 لىك ئېشىش بىلەن نىشانلىرىمىزغا قاراپ زور ئىشەنچ بىلەن ئىلگىرىلەۋاتىمىز.»

ئۆزئارا ساياھەتچىلەر سانىنىڭمۇ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، بۇ يىل 300 مىڭدىن ئارتۇق سېربىيەلىك ساياھەتچىنىڭ تۈركىيەگە كېلىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېقىندا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ، ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ئۆزئارا «كىملىك بىلەنلا ساياھەت قىلىش» ىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش ئۈچۈن كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پۇقرالىرىمىز پاسپورتقا ئېھتىياجى چۈشمەستىنلا، ئۆزەكلىك كىملىك بىلەنلا ئۆزئارا ساياھەت قىلالايدۇ. بۇ نۇقتىدا، سېربىيە ئالتىنچى دۆلەت بولۇپ قالىدۇ. شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، ئۇكرائىنا، مولدوۋا، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيە بىلەن بۇ كېلىشىملەرنى يولغا قويدۇق.»

ئۇچرىشىشتا، 24 – فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، ئۇرۇشنىڭ تەسىرلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش يولىدا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى بايان قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بولۇپمۇ ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشىنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن، بىزنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئىشلەۋاتقان خىزمەتلىرىمىز ھەققىدە بۈگۈن ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشلاردا سېربىيە دائىرىلىرىغا مەلۇمات بەردىم. ھەممىمىزنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، ئۇرۇشنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىشىدۇر.»

كۈندۈزى، سېربىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەكتەپلەردىمۇ «بومبا ھۇجۇمى» توغرۇلۇق ئۇچۇر يەتكۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

چاۋۇشئوغلۇ، پايتەخت بېلگرادتا سېربىيە پرېزىدېنتى ئالېكساندېر ۋۇچىچ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانىدى.

ۋۇچىچ بىلەن چاۋۇشوغلۇ ئايرىم كۆرۈشۈشتىن سىرت يەنە، ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنىمۇ ئېلىپ بارغانىدى.

چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېگەنىدى: «سېربىيە پرېزىدېنتى ئالېكساندېر ۋۇچىچ بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىمىزدا، ناھايىتى ياخشى سەۋىيەدىكى مۇناسىۋەتلىرىمىز، ئۇكرائىنا ۋە بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق.»

سېربىيە پرېزىدېنتى ئالېكساندېر ۋۇچىچ بولسا، ئۇچرىشىشتا، سېربىيە – تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا تاموژنا ئېغىزلىرىدىن كىملىك بىلەنلا ئۆتۈش بەلگىلىمىسىنى ئىشقا كىرىتۈرۈش نىشان قىلىنغان كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەنىدى: «تۈركىيە بىزنىڭ كۈچلۈك ھەمراھىمىز، تۈركىيەنىڭ سېربىيەنىڭ ئاز تەرەققىي قىلغان رايونلىرىغا سالغان مەبلىغى ئىنتايىن مۇھىم.»

 مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، كېيىنچە، سېربىيە پارلامېنت باشلىقى ئىۋىكا داچىچ بىلەن بىر يەرگە جەم بولغانىدى.

سېربىيەدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشىنىڭ داچىچ بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دەپ كۆرسەتكەنىدى: «مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ئارا دائىرىسىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىمىز.»

 كېيىن سېربىيە باش مىنىستىرى ئانا برنابىچ بىلەن كۆرۈشكەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ، «سېربىيە باش مىنىستىرى برنابىچ بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىمىزدا، ئورتاق لايىھەلىرىمىزنى كۆزدىن كەچۈردۇق، ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىمىز.» دېگەنىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىغا قارىغاندا، بۈگۈن شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ ئوخرى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2-نۆۋەتلىك پرېسپا دىيالوگ مۇنبىرى يىغىنى ۋە مۇنبەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر رەسمىي ئېچىلىش ئولتۇرۇشىدا  نۇتۇق سۆزلىشى كۈتۈلۈۋاتقان مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، مۇنبەر يىغىنى دائىرىسىدە، ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدىكەن، ھەمدە شىمالىي ماكېدونىيەدىكى تۈرك جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

چاۋۇشئوغلۇنىڭ 6-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بالقان زىيارىتى دائىرىسىدە، سېربىيەدىن كېيىن كىرودىيە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ۋە كوسوۋانى زىيارەت قىلىشى پىلانلانماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر