ئەردوغان ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

1843979
ئەردوغان ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگنىڭ شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش تەلىپى ھەققىدە توختالغاندا، تۈركىيەنىڭ يوللۇق ئەندىشەلىرىنى ئوتتۇرىدىن يوق قىلىدىغان قەدەملەرنىڭ بېسىلىشى كېرەكلىكىنى تەكرارلىغان.

ئۇ ئىككى دۆلەتتىن تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ئېنىق، كونكرېت ۋە قەتئىي ئىرادىلىك قەدەملەر تاشلانماي تۇرۇپ، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرىلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك يازمىچە ۋەدە بېرىلمەستىن، تۈركىيەنىڭ مەيدانىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بولسا، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

ئۇ ئۇچۇرىدا، 29-30-ئىيۇن كۈنلىرى ئىسپانىيە پايتەختى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى ئەردوغان بىلەن ئىجابىي سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ: «تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى يوللۇق خەۋپسىزلىك ئەندىشەلىرىنى تۈگىتىش، فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر