شىرناكتا «17-ئەرەن قورشاۋ» ھەرىكىتى باشلاندى

شىرناكتا 574 نەپەر خادىمنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا «17-ئەرەن قورشاۋ شېھىت ژاندارما لېيتېنانت ئىسمائىل جان ئاقدېڭىز-2 ھەربىي ھەرىكىتى» باشلاندى.

1842169
شىرناكتا «17-ئەرەن قورشاۋ» ھەرىكىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى شىرناكتا ھەربىي ھەرىكەت باشلانغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنى دۆلەت كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىش، رايوندا بايقالغان تېررورىستلارنى يوقىتىش مەقسىتىدە، <17-ئەرەن قورشاۋ شېھىت ژاندارما لېيتېنانت ئىسمائىل جان ئاقدېڭىز-2 ھەربىي ھەرىكىتى> باشلاندى» دېيىلدى.

باياناتتا، 574 ھەربىي خادىمدىن تەركىپ تاپقان 41 ئەترەتنىڭ ھەرىكەتكە قاتناشقانلىقى قەيت قىلىندى.

مەملىكەتتە تېررورلۇقنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ئۈچۈن باشلانغان «ئەرەن قورشاۋ» ھەربىي ھەرىكەتلىرى، خەلقىمىزنىڭ كۈچلۈك قوللىشى ئاستىدا يۈكسەك ئېتىقاد ۋە قەئىي ئىرادە بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر