ئەردوغان: ناتو تېررورچىلارغا چاپان ياپىدىغان تەشكىلات ئەمەس، بىر بىخەتەرلىك تەشكىلاتىدۇر

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا سۇنغان ئەزالىق ئىلتىماسى توغرىسىدا توختىلىپ: «ناتو تېررورلۇققا چاپان ياپىدىغان تەشكىلات ئەمەس، بىر بىخەتەرلىك تەشكىلاتىدۇر» دېدى.

1840186
ئەردوغان: ناتو تېررورچىلارغا چاپان ياپىدىغان تەشكىلات ئەمەس، بىر بىخەتەرلىك تەشكىلاتىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى بىناسىدا ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈپ، كېلىشىملەرگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلغاندىن كېيىن، قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىر مۇخبىرنىڭ: «ناتوغا ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنۇپ، تۈركىيەنىڭ قوللىشىغا ئېھتىياجى چۈشكەن شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە رەھبەرلىرى سىز بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدىمۇ؟ ئەگەر قىلمىغان بولسا، تەلەپ قىلغان تەقدىردە سىزنىڭ جاۋابىڭىز قانداق بولاتتى؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «ئالدى بىلەن شۇنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەككى، ناتو تېررورلۇققا چاپان ياپىدىغان تەشكىلات ئەمەس، (بەلكى) بىر بىخەتەرلىك تەشكىلاتى. سىلەرگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، شىۋېتسىيە نۆۋەتتە پ ك ك، پ ي د / ي پ گ غا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر دۆلەتكە ئايلاندى. ھەتتا، بۇلارنىڭ پارلامېنتلىرىدىمۇ تېررورچىلار بار، بۇ تېررورچىلار ئۇلارنىڭ پارلامېنتلىرىدىلا بولىدىكەن، بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ستوكھولىم كوچىلىرىدا شىۋېتسىيە ساقچىلىرىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا كاتتىباشلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ نامايىشلارنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تېلېۋىزىيە قانىلىدا تېررورچىلار كاتتىبېشىنىڭ سۆھبەتلىرى تارقىلىدىكەن، بىز ئۇلارغا <مەرھەمەت، داۋاملاشتۇرۇۋېرىڭلار> دېيەلمەيمىز. <مەرھەمەت، ناتوغا قېتىلىڭلار> دېيەلمەيمىز. فىنلاندىيە ئۈچۈنمۇ شۇنداق. ئەپسۇسكى، نۆۋەتتە فىنلاندىيەدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن قۇرۇلمىلار بار» دېدى.

تۈركىيەنىڭ، گىرېتسىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى مەسىلىسىدە باشتىن كەچۈرگەنلىرىنى شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ئەزالىق مەسىلىسىدە باشتىن كەچۈرۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «گىرېتسىيە ناتودىن ئايرىلدى، ئۇنىڭ قاتنىشىشىغا بىزدىن ئىلگىرىكىلەر يول قويدى. ئۇ ناتوغا قايتا كىردى. فىرانسىيەمۇ قايتىدىن كىردى. (نەتىجە) نېمە بولدى؟ مانا ھازىر 5+4، جەمئىي توققۇز ئامېرىكا بازىسى قەيەردە؟ گىرېتسىيەدە قۇرۇلدى. ئۇنداقتا بۇ بازىلار كىمگە قارشى قۇرۇلدى؟ ئۇلار <رۇسىيەگە قارشى> دەپ جاۋاب بېرىشىۋاتىدۇ. ئەيىبكە بۇيرۇشمىسۇن، بىز بۇنىڭغا ئالدانمايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى مادۇرومۇ،  تۈركىيەنىڭ زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە دۇنيادا ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «بىز مۇشۇنداق  ئويلايمىز ئەمەس، بىز بۇنى مۇشۇنداق كۆرۈۋاتىمىز. تۈركىيە ئىنتايىن زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە. ئۇ يېڭىدىن تۇغۇلۇۋاتقان دۇنياغا نىسبەتەن چوڭ يوشۇرۇن كۈچ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر