ئەردوغان 2023 - يىلىدىكى سايلامدا ئۆزىنىڭ جۇمھۇر رەئىس نامزاتى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 2023 – يىلى ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىدا قايتىدىن نامزات بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
1840704

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ ئىزمىر ۋىلايەتلىك مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ۋە ئومۇمىي سايلامنىڭ 2023 – يىلى ئىيۇننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزلىدىغانلىقىنى، جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى جۇمھۇر ئىتتىپاقى (ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى)نىڭ جۇمھۇر رەئىس نامزاتىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.