سۈرىيەنىڭ شىمالىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى « ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 11 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1836651
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تاجاۋۇز قىلىشقا ئۇرۇنغان تېررورچىلارغا ئېغىر تالاپەت يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا تاجاۋۇز قىلىش تەشەببۇسىدا بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 11 تېررورچى، قوراللىق قىسىملىرىمىز بىلەن بىر تەرەپ قىلىندى.»