ئەردوغان: گىرېتسىيە بىلەن ئالىي دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك كېڭىشى كېلىشىمىمىزنى بۇزدۇق

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «گىرېتسىيە بىلەن ئالىي دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك كېڭىشى كېلىشىمىمىزنى بۇزدۇق» دېدى.

1836148
ئەردوغان: گىرېتسىيە بىلەن ئالىي دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك كېڭىشى كېلىشىمىمىزنى بۇزدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دە ئۆتكۈزۈلگەن گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ گىرېتسىيە دائىرىلىرىگە خىتاب قىلىپ: «توغرا بولساڭلار ئۇدۇلىمىزدا ئورۇندۇقۇڭلار تەييار، ئۇنداق بولمىسا رەنجىمەڭلار. ئۇلار گىرېتسىيەدە ئامېرىكا بازىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى شارائىتىنى تەييارلىدىمۇ؟ تەييارلىدى. گىرېتسىيە بىلەن ئالىي دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك كېڭەش كېلىشىمىمىزنى بۇزدۇق. ئىككى گەپنىڭ بىرسى بولغاندا ئايروپىلانىڭنى ئۇچۇرۇپ كۆز-كۆز قىلىسەن، سەن نېمە قىلماقچى؟ تارىختىن ساۋاق ئالمىدىڭمۇ؟ ئارقىدىن يىغلاشقا باشلايسەن. بۇلار بىلەن ئىككى تەرەپلىك كۆرۈشۈشلەرنى ئۆتكۈزمەيمىز. ناھايىتى ئەپسۇسكى، گىرېتسىيە يولغا كىرمەيدۇ. ئامېرىكادا رۇم لوبىسى دېگەن بىر گۇرۇپپا كونگرەدە بىزگە قارشى سۆز قىلماقچىكەن، بىز بۇلاردىن زېرىكتۇق» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىغا قارشى چىققانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ: «ناتو-خەۋپسىزلىك تەشكىلاتى، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللايدىغان تەشكىلات ئەمەس. شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيە چېگرالىرى ئىچىدىكى بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى تاقىشى لازىم. ياۋروپادا تېررورىستلار ئۇ دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا لوزۇنكىلىرىنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلىدۇ. پ ك ك قوللىغۇچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى قوللاپ، بىزنىڭ كىشىلىرىمىزگە بېسىم قىلغانلار دېموكرات ئەمەس. بەلكى فاشىست. تۈركىيەگە پۇلغا ساتمىغان قورال-ياراغلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ھەقسىز بەرگەنلەر، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈپىتى جۈملىسىدىن. تېررورىستلارغا مۇشۇنداق پەرۋاسىزلارچە ياردەم قىلغان دۆلەت، تەھدىت پەيدا بولغاندا بىز بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلامدۇ؟ بىزنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىزنى <ئىشغال ھەرىكىتى> دېگەنلەر، ئورتاق دۈشمەنگە قارشى بىزنى قوللامدۇ؟ بۇ سوئاللارغا ئېنىق جاۋاب بولماي تۇرۇپ ياكى ھۆججەتلەرنى كۆرمەستىن مەيدانىمىزنى ئۆزگەرتمەيمىز» دېدى.

ئۇ سۈرىيە چېگراسىدىن ئىچىگە قاراپ 30 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا بىخەتەر رايون قۇرۇش قارارىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تېل رىفات ۋە مۈنبىچنى تېررورىستلاردىن تازىلايمىز. ئارقىدىن قەدەممۇ قەدەم باشقا رايونلاردىنمۇ تازىلايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر