ئەردوغان ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1835037
ئەردوغان ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى ئەردوغان-زېلېنسكىي تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، 24-فېۋرالدىن (2022) بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كۆرۈشۈشتە، ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرەلەرنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن بۈگۈنگىچە ھەر تۈرلۈك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكلىرىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇرەسسەچىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېھتىياجلىق ياردەملەرنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ دېڭىز يولى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىشى ئۈچۈن قۇرۇلىدىغان بىخەتەر كارىدور لايىھەسىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇ يەنە، ۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە ب د ت نىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا تەشكىل قىلىنىدىغان كونترول مەركىزى ئىچىدىن ئورۇن ئېلىشقا ۋە مەركەزگە ئىستانبۇلدا ساھىبخانلىق قىلىشقا پىرىنسىپ جەھەتتىن ئىجابىي قارايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر