جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ 20 يىلدا بىر ئەسىرلىك مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى يېقىنقى 20 يىلدا بىر ئەسىرلىك يولنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1834898
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ 20 يىلدا بىر ئەسىرلىك مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى يېقىنقى 20 يىلدا بىر ئەسىرلىك يولنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا بىزدىن مۇشۇنچىلىك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنداق كۆپ بۆسۈشلەرنى قانداق ھاسىل قىلغانلىقىمىزنى سورايدۇ» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 160 - يىللىقىنى تەبرىكلەش پروگراممىسىدا سۆز قىلدى؛ ئۇ، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ھەر قانداق بىر دۆلەت ئورگىنىنىڭ رەقىبى ياكى تولۇقلىغۇچىسى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ قانۇنغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ياردەمچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بىز، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن، ئەدلىيە ھوقۇقى بىلەن قوراللاندۇرۇلغان دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىمىزنى  2016 ۋە 2021 – يىللىرى چىقارغان قانۇنلار ئارقىلىق تېخىمۇ كۈچەيتتۇق» دېدى.

ئەردوغان، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ 160 – ۋە جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 99 – قۇرۇلۇش خاتىرە كۈنلىرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، ئەقىل ۋە ۋىجدان ئىگىسى ھېچقانداق كىشى ئىنكار قىلالمايدىغان بىر ھەقىقەت بار. ئۇ بولسىمۇ، تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات مۇساپىسىدە يېقىنقى 20 يىل ئىچىدە بىر ئەسىرلىك يولنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىدۇر» دېدى.

مائارىپتىن ساغلاملىققىچە، بىخەتەرلىكتىن ئادالەتكىچە، قاتناشتىن ئېنېرگىيەگىچىە، تەنتەربىيەدىن ئىجتىمائىي ياردەمگىچە، دىپلوماتىيىدىن مۇداپىئە سانائىتىگىچە بولغان ھەر ساھەدە بۇ ئىنقىلابلارنىڭ كونكرېت نەتىجىسىنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: « دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا بىزدىن مۇشۇنچىلىك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنداق كۆپ بۆسۈشلەرنى قانداق ھاسىل قىلغانلىقىمىزنى سورايدۇ. ھەتتا، ئۇلار سوراش بىلەنلا قالماستىن، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، بىۋاسىتە ھالدا بىزنىڭ ئورگانلىرىمىز ئۈستىدە تەكشۈرۈشلەرنى قىلغۇزۇۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر