ئەردوغان ئەزەربەيجانغا كەتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۈگۈن بۇ دۆلەتتە بىر كۈنلۈك زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن ئەزەربەيجانغا كەتتى.

1833982
ئەردوغان ئەزەربەيجانغا كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئەزەربەيجاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنىگە توغرا كېلىدىغان زىيارىتى دائىرىسىدە، تۈركىيە سىرتىدا تۇنجى قېتىم ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى ۋە تېكنوفېست (تېخنولوگىيە فېستىۋالى) ئەزەربەيجان» نىڭ كۆزەتكۈچىلەر بايرىمىغا قاتنىشىدىكەن.

ئەردوغان بىلەن ئەلىيېۋ، ئەزەربەيجان ھاۋا ئارمىيەسى بىلەن تۈرك چولپانلىرى ۋە سولوتۈرك ئەترىتىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىكەن.

ئىككى رەھبەر كېيىنچە، ئاسان مۇلازىمەت مەركىزى ۋە باكۇ ئىلىم-پەن مەركىزىنى ئىشقا كىرىشتۈرىدىكەن.

كەچلىك تاماق زىياپىتىدە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ، كەچ تەرەپلەردە تۈركىيەگە قايتىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر