ئەلىيېۋ ئاقار باشچىلىقىدىكى قوماندانلارنى قوبۇل قىلدى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقار ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىرىنى قوبۇل قىلدى.

1833968
ئەلىيېۋ ئاقار باشچىلىقىدىكى قوماندانلارنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بۈگۈنكى ئەزەربەيجان زىيارىتى دائىرىسىدە پايتەخت باكۇدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان مىنىستىر ئاقار، ھەمراھلىقىدىكى باش ئىشتاب باشلىقى ياشار گۈلەر، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قوماندانى گېنېرال مۇسا ئاۋسەۋەر، دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانى ئادمىرال ئادنان ئۆزبال ۋە ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانى گېنېرال ھەسەن كۈچۈكئاقيۈز قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنت مەھكىمىسىگە باردى.

بۇ يەردە پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئاقار، ئەزەربەيجاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلىدى، ھەمدە تۈركىيە – ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ساھەلىرىدە قولغا كەلتۈرۈلۈۋاتقان مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە بۇ ھەقتىكى پائالىيەتلەر توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۈگۈن باكۇدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مۇستەقىللىق كۈنىدە سىلەر بىلەن بىرگە بولۇش ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى زور شان – شەرەپتۇر.»

ئۇچرىشىشقا، ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال زاكىر ھەسەنوۋ بىلەن تۈركىيەنىڭ باكۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاھىت باغجىمۇ قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر