چاۋۇشئوغلۇ رۇمىنىيە ۋە پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رۇمىنىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بوگدان ئارېسكۇ ۋە پولشا دىپلوماتىيە مىنىستىرى زبنىگېۋ راۋ بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشتى.

1833701
چاۋۇشئوغلۇ رۇمىنىيە ۋە پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى
Zbigniew Rau-Mevlut Cavusoglu.jpg
Bogdan Aurescu-Mevlut Cavusoglu.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، ئىستانبۇلدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى «دولماباھچە سارىيى» دىكى ئىشخانىسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشلار ھەققىدە، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇمىنىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بوگدان ئارېسكۇ بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدا، تۈركىيە – رۇمىنىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇچرىشىشتا، دىپلوماتىك ئارخىپ ھەمكارلىقىغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم لايىھەسىنى ئىمزالىدۇق.»

ئۇ،  پولشا دىپلوماتىيە مىنىستىرى زبنىگېۋ راۋ بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «پولشا بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى قۇرىمىز.»

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، 10 – نۆۋەتلىك تۈركىيە – رۇمىنىيە – پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ تۈركىيەنىڭ ساھىبخانىلىقىدا بۈگۈن ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر