ئىبراھىم كالىن شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى كالىن شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى توغرىسىدا:«تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشەلىرى كونكرېت قەدەملەر بىلەن مۇئەييەن ۋاقىت ئىچىدە جاۋابقا ئېرىشەلمىسە، مۇساپىنىڭ ئىلگىرىلىمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق» دېدى.

1832670
ئىبراھىم كالىن شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ تېررورلۇقنىڭ ئوخشىمىغان يۈزلەر، شەكىللەر ۋە ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئوتتۇرىغا چىققان چېھرىلەرگە قارشى قەتئىيلىك بىلەن كۈرەش قىلىشنىڭمۇ ناتو ئۇقۇمىنىڭ ئەڭ مۇھىم پىرىنسىپلىرىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

«تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشەلىرى، بولۇپمۇ تۈركىيەگە قارشى تېررورلۇق قىىلۋاتقان پ ك ك، پ ي د|ي پ گ، د ى ك پ-ج ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىدە، ناتوغا ئەزا بەزى دۆلەتلەردە ۋە ھازىر كۈنتەرتىپىمىزدە تۇرۇۋاتقان فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەدىكى مەۋجۇتلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك. بىز پ ك ك|پ ي د ۋە ي پ گ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرقنىڭ يوقلۇقىنى، ئۇلار ئارىسىدا قىلغان ئايرىمىچىلىقلارنىڭ، بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەنىسىز ۋە ئەھمىيەتسىز بولمايدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇق.»

ئۇ ئىككى دۆلەتتىن يېقىنقى 10 يىلدا قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان تېررورىستلار مەسىلىسىنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «بۈگۈنگىچە شىۋېتسىيەدىن 28، فىنلاندىيەدىن 12 تېررورىستنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدۇق. ناھايىتى ئەپسۇسكى بۈگۈنگىچە بۇ تەلەپلىرىمىزنىڭ ھېچقايسىسىغا ئىجابىي جاۋاب بېرىلمىدى. بۇلارنىڭ سەۋەبلىرىنى تەكشۈرگىنىمىزدە، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال ۋە دوكلاتلارنى ئالدىغا قويغىنىمىزدىمۇ بىزنى قايىل قىلالىغۇدەك ئەدلىيە ۋە قانۇنىي سەۋەبلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانلىقىنى كۆردۇق. بۇ ئەندىشەلىرىمىزنى سۆھبەتداشلىرىمىز بىلەن تەپسىلىي ئورتاقلاشتۇق. ئوخشاش شەكىلدە، تۈركىيەگە قارشى ئوچۇق-ئاشكارا ياكى مەخپىي ئىجرا قىلىنىۋاتقان كەڭ ياكى تار دائىرىلىك ھەر تۈرلۈك مۇداپىئە سانائىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئېمبارگولارنىڭ دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدۇق. تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشەلىرى كونكرېت قەدەملەر بىلەن مۇئەييەن ۋاقىت ئىچىدە جاۋابقا ئېرىشەلمىسە، مۇساپىنىڭ ئىلگىرىلىمەيدىغانلىقىنى ناھايىتى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويدۇق» دېدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر