ئەردوغان يېڭى ھەربىي ھەرىكەت توغرۇلۇق سىگنال بەردى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيەگە قارىتا يېڭى ھەربىي ھەرىكەت توغرۇلۇق سىگنال بەردى.
1832648

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ياۋروپا بىرلەشمىسى چېمپىيونى ئانادولۇ ئەفەس ۋاسكېتبول كۇلۇبىنىڭ مەسئۇللىرى، تېخنىكا ھەيئىتى ۋە تەنھەرىكەتچىلىرىنى قوبۇل قىلدى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدا داۋاملىشىۋاتقان «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا شېھىت بولغان 5 ئەسكەرگە ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلەپ مۇنداق دېدى: «ئەسكەرلىرىمىزنىڭ بىر تامچە قېنىنىمۇ يەردە قالدۇرمىدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىمىز، بۇ خائىنلارچە ھۇجۇملارغا جاۋابىمىزنى يېڭى ھەربىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق داۋاملاشتۇرىمىز.»