ئەردوغان ئامېرىكالىق ۋە كانادالىق جامائەت ئەربابلىرىنى قوبۇل قىلدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىلىق ۋە كانادالىق مۇسۇلمان جامائەت ئەربابلىرىنى قوبۇل قىلدى.
1832657
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان قوبۇلدىن، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن رەھبىرى ئەفكان ئەلا، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەلى ئەرباش ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن قاتارلىقلارمۇ ئورۇن ئالدى.