ئەردوغان ئافرىقا بايرىمىنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 25 – ماي ئافرىقا بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
1832625

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇش خاتىرە كۈنى بولغان 25 – ماي ئافرىقا بايرىمىنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن. بىزنىڭ كۈچلۈك تارىخ ۋە مەدەنىيەت رىشتىمىز بولغان بارلىق ئافرىقالىق قېرىنداشلىرىمىزغا سالام ۋە سۆيگۈمنى يوللايمەن» دېدى.