ئالىي مەسلىھەت ئورگىنى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن چاقىردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئالىي مەسلىھەت ئورگىنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن چاقىردى.

1832013
ئالىي مەسلىھەت ئورگىنى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى دېرىكتورى فاھرەتتىن ئالتۇن، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى بىناسىدىكى تەخمىنەن 3 سائەت داۋاملاشقان يىغىن ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش سىياسىتى ۋە ھەر خىل سالاھىيەتلەر بىلەن تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان چەت ئەللىكلەرگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىغىندا، تۈركىيەنىڭ ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاشلا ھازىرمۇ ئۆز چېگراسىغا كېلىپ ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن زېمىنلىرىدا پاناھلانغان ھەرقانداق بىر زۇلۇمغا،ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدىن يۈز ئۆرىمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا قايتقانلار سانىنىڭ 500 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بۇ رايونلاردىكى خەلقئارانىڭ مەبلىغى بىلەن بەرپا قىلىنىدىغان يېڭى ئولتۇراق جايلىرىنىڭ قەد كۆتۈرۈشى بىلەن تېخىمۇ كۆپ سۈرىيەلىكنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ يىغىندا يەنە «بىزنىڭ ئېتىقادىمىز، مەدەنىيىتىمىز ۋە قىممەت قاراشلىرىمىزدا ئورنى بولمىغان ياتلارنى يامان كۆرۈشكە دۆلىتىمىزنىڭ قەتئىي يول قويمايدىغانلىقى»نى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر