تۈركىيە ئامېرىكاغا تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە باياناتى ئېلان قىلدى.
1832215

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېكساس ئىشتاتىنىڭ ئۇۋالدې شەھىرىدە تۈنۈگۈن بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 19 ئوقۇغۇچى بىلەن يەنە 2 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلارنىڭمۇ بارلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپتۇق. ئامېرىكا خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.»