شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە ۋەكىللىرى بۈگۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ

شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە ۋەكىللىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن بۈگۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ.

1831947
شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە ۋەكىللىرى بۈگۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، شىۋېتسىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئوسكار ستېنستروم بىلەن فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن مىنىستىرى جۇككا سالوۋارا باشچىلىقىدىكى شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە ۋەكىللىرىنىڭ بۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەگە كېلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى، باش ئەلچىسى ئىبراھىم قالىن ۋە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەدات ئۆنال باشچىلىقىدىكى تۈركىيە تەرەپ ۋەكىللىرى بىلەن ستېنستروم ۋە سالوۋارا باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر