ئەردوغان 1 تۈركىيە پۇقراسىنى خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا ئەۋەتىش رەسمىيىتىنى رەسمىي باشلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى پىروگراممىسى دائىرىسىدە، بىرتۈركىيە پۇقراسىنى خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا (UUID) ئەۋەتىش رەسمىيىتىنى رەسمىي باشلىدى.

1831809
ئەردوغان 1 تۈركىيە پۇقراسىنى خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا ئەۋەتىش رەسمىيىتىنى رەسمىي باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ: «دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى پىروگراممىسى دائىرىسىدە، بىرتۈرك پۇقراسىنى خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا ئەۋەتىش رەسمىيىتىنى رەسمىي باشلىدۇق. بۇ بىر مىللىي مەجبۇرىيەتتۇر. بىز ئالەم بوشلۇقىغا ئەۋەتىدىغان پۇقرامىز ئۆزى ياكى تۈركىيەدىكى باشقا مۇتەخەسسىسلىرىمىزنىڭ تارتىش كۈچى بولمىغان ئالەم بوشلۇقى مۇھىتىدا خالىغان ئىلمىي سىناق ۋە تەجرىبىلەرنى ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. بۇ مىللىي ۋەزىپىگە ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن <uyuza.gov.tr> تور ​​ئادرېسىنى قۇردۇق. 45 ياشتىن تۆۋەن بارلىق تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ» دېدى.

ئىلتىماس قىلغانلار ئىچىدىن تاللىنىدىغان ئىككى كاندىداتنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىلىم-پەن ئەلچىسى سۈپىتىدە ئالەم بوشلۇقىغا چىقىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق مەشىقلەردىن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان: «مەشىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىككى كاندىداتنىڭ بىرى يەلكىسىگە ئالغان مىللىي ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن 2023-يىلى خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا ئەۋەتىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاسمانغا ئەڭ يارىشىدىغان بايراق بىزنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقىمىزدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر