قايغۇلۇق خەۋەر... شىمالىي ئىراقتا تۆت ئەسكەر شېھىت بولدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنچە-كلىت» زەربە بېرىش ھەرىكىتى رايونىدا پ ك ك تېررورچىلىرى بىلەن تۈركىيە ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا شېھىت بولغان ئەسكەر سانى تۆتكە يەتتى.

1831603
قايغۇلۇق خەۋەر... شىمالىي ئىراقتا تۆت ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىر قانچە سائەت ئىلگىرى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «2022-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى <پەنچە-كلت> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا تېررورچىلار بىلەن (ئەسكەرلىرىمىز ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن) توقۇنۇشتا، ئۈچ قەھرىمان سەپدىشىمىز شېھىت بولدى، تۆت قەھرىمان سەپدىشىمىز يارىلاندى. يارىلانغان سەپداشلىرىمىز دەرھال دوختۇرخانىلاردا بالنىستقا ئېلىندى.

بىزنى چوڭقۇر ئازاب ۋە قايغۇغا سالغان بۇ ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئېزىز شېھىتلىرىمىزگە ئاللاھتىن رەھىم-شەپقەت تىلەيمىز، ئۇلارنىڭ مۇسىبەتلىك ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىغا ۋە ئالىيجاناب خەلقىمىزگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغان خادىملىرىمىزنىڭ سالامەتىلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر