ت ر ت باش مۇدىرى ياۋروپا ئاخبارات تارقىتىش ئورۇنلىرىنى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى

ياۋروپا ئاخبارات تارقىتىش بىرلەشمىسى (EBU) گە ئەزا 41 دۆلەتتىن كەلگەن ئاخبارات تارقىتىش ئورۇنلىرىنىڭ 200 دەك يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى ت ر ت نىڭ ساھىبخانلىقىدا چاقىرىلغان مېدىيا باشلىقلار يىغىنىدا ئۇچراشتى.

1831111
ت ر ت باش مۇدىرى ياۋروپا ئاخبارات تارقىتىش ئورۇنلىرىنى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى
Z.Sobacı.4.jpg
Z.Sobacı.3.jpg
Z.Sobacı.2.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ت ر ت نىڭ باش مۇدىرى مەھمەت زايىد سوباجى ياۋروپا ئاخبارات تارقىتىش ئورۇنلىرىنى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئاخبارات تارقىتىش بىرلەشمىسى (EBU) گە ئەزا 41 دۆلەتتىن كەلگەن ئاخبارات تارقىتىش ئورۇنلىرىنىڭ 200 دەك يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى ت ر ت نىڭ ساھىبخانلىقىدا چاقىرىلغان مېدىيا باشلىقلار يىغىنىدا ئۇچراشتى. يىغىندا سۆز قىلغان ت ر ت باش مۇدىرى مەھمەت زايىد سوباجى: «يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورىزمغا قارشى ئەڭ كۈچلۈك كۈرەش قىلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئاخبارات تارقاتقۇچى بولۇش سۈپىتىمىزبىلەن، تېررورىزمنىڭ مەنبەسى ۋەزەربە نىشانىنىڭ قەيەر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممەيلەننى بۇنىڭغا قارشى پۇختا ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىرىمىز» دېدى.

ت ر ت مۇ ئەزا بولغان ياۋروپا ئاخبارات تارقىتىش بىرلەشمىسى ۋەكىللىرى ۋابا سەۋەبىدىن ئىككى يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا ئۆزئارا كۆرۈشتى. ت ر ت نىڭ ساھىبخانلىقىدا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئاخبارات تارقىتىش بىرلەشمىسى يىغىنىغا، ت ر ت باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجى ۋە ياۋروپا تارقىتىش ئاخبارات بىرلەشمىسىنىڭ باش دىرېكتورى نوئېل كۇران، ھەمدە 41 دۆلەتتىكى ئاخبارات تارقىتىش ئورۇنلىرىنىڭ 200 گە يېقىن يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى قاتناشتى. ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ پائالىيەتتە، ئاممىۋى ئاخبارات (دۆلەت ئىگىلىكىدىكى) تارقىتىشنىڭ كەلگۈسى، ھەل قىلىنىشى كېرەك بولغان قىيىنچىلىقلار، يېڭى يۈزلىنىشلەر ۋە ياشلارنى جەلپ قىلىش دېگەندەك نۇرغۇن مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

«جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ <دۇنيا بەشتىن چوڭ> دېگەن شوئارى، ھەممىمىزنىڭ ئورتاق ۋە بىخەتەر كەلگۈسىگە سېلىنىدىغان يېگانە مەبلەغنىڭ خۇلاسىسى»

باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش نۇتۇقىنى سۆزلىگەن ت ر ت باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجى، ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن يۈزتۇرانە ئۆتكۈزۈلگەن 2022-يىللىق ياۋروپا ئاخبارات بىرلەشمىسى باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلغانلىقلىرىدىن ھاياجانلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشىمىز بولغان بىتەرەپلىك، ئادىللىق ۋە دۇرۇستلۇقنىڭ كەلگۈسىنىڭ رەقەملىك تاراتقۇلىرىنىڭمۇ ئۆزگەرمەس ئۆلچىمى بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن سوباجى: «بۇ مەقسەتنى بويلاپ، ياۋروپا ئاخبارات بىرلەشمىسى ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەر دائىمكى ھەمكارلىق روھىنى ساقلاپ، تېخىمۇ بىخەتەر كەلگۈسى بەرپا قىلىش، ھەمدە ئاخبارات تارقىتىش مەدەنىيىتىمىزنىڭ بېيىشى ئۈچۈن ئورتاق ۋە ئىجادىي تەشەببۇسلار بىلەن ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتىدىغان ۋە كېڭەيتىدىغانلىقىمىزدىن قەتئىي گۇمانلانمەيمەن. شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، بىز بىرلىكتە تېخىمۇ كۈچلۈك بولالايمىز» دېدى.

بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان ت ر ت نىڭ 18 تېلېۋىزىيە قانىلى، 17 رادىيو قانىلى بىلەن بىرلىكتە، 9 رەقەملىك سۇپىسى، رەقەملىك ئەپلىرى ھەمدە دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى نۇرغۇن پائالىيەتلەر ئارقىلىق تۈركىيەدە ئاخبارات تارقىتىشنىڭ باشلامچىسى بولۇش ئورنىنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ت ر ت  باش مۇدىرى سوباجى، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ھازىر بىز ئىنسانلار ۋە جۇغراپىيەلىك ئورۇنلارنى ئايرىپ ئولتۇرماستىن، دۇنيانى بىر پۈتۈن ھالەتتە كۆرۈشىمىز؛ ھەر بىر ئىنساننى قىممەتلىك دەپ قاراپ، ئۇنى نەزەردىن ساقىت قىلىشنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئەمەسلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز لازىم. جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەپەندىنىڭ خەلقئارالىق سۇپىلاردا دائىم ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان «دۇنيا بەشتىن چوڭ» دېگەن شوئارى، تېخىمۇ ئادىل دۇنيا سىستېمىسى قۇرۇشنىڭ نېگىزىدۇر؛ ھەممىمىزنىڭ ئورتاق ۋە بىخەتەر كەلگۈسىگە سېلىنىدىغان يېگانە مەبلەغنىڭ خۇلاسىسىدۇر. دەرۋەقە، تۈركىيە نۆۋەتتە دۇنيانىڭ تىنچلىق زېمىنى سۈپىتىدە، رەھبەرلەر ئەڭ مۇھىم خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ بىر يەرگە جەم بولىدىغان، دۇنيا جامائىتى خۇش خەۋەرلەرنى كۈتىدىغان، مەدەنىيەت ئۇچرىشىشلىرى ۋە ھەل قىلىش تەكلىپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان كەم ئۇچرايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، بىز ياۋروپا ئاخبارات تارقىتىش بىرلەشمىسىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر مەسىلە سۈپىتىدە، ياشلار بىلەن ئاممىۋى ئاخبارات تارقىتىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، ئۇلارنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قارىشى ۋە ھەل قىلىش چارىسى تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  سوباجى ت ر ت نىڭ خەلقئارالىق خەۋەر سۇپىلىرى ھەققىدىمۇ توختىلىپ: «ت ر ت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۈگۈن تېلېۋىزىيە ۋە رادىيو قاناللىرىمىز، رەقەملىك سۇپىلىرىمىز بىلەن دۇنيانىڭ يەتتە قىتئەسىگە 41 تىل ۋە دىيالېكتتا تارقىتىش بېرىۋاتىمىز. ت ر ت World دىن باشقا، رەقەملىك خەۋەر سۇپىلىرىمىز ت ر ت نېمىسچە، ت ر ت رۇسچە، ت ر ت ئەرەبچىگە يېقىندا ت ر ت فىرانسۇزچىنىمۇ ئىلاۋە قىلىپ، خەلقئارالىق تارقىتىش ئائىلىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى ئەزاسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلىدۇق. بۇنىڭدىن باشقا، بىزنىڭ ئافرىقا، بالقان ۋە پارس تىللىرىدىكى رەقەملىك خەۋەر سۇپىلىرىنى ئېچىش خىزمەتلىرىمىز داۋاملىشىدۇ» دېدى.

«تېررورىزمنىڭ مەنبەسى ۋە نىشانى قەيەر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىرلىكتە قارشى تۇرۇش نۇقتىسىدا ساغلام ھەمكارلىق ئورنىتىشنى چاقىرىق قىلىمىز»

كىرىزىسلار، مەسىلىلەر ۋە ئۆزگىرىشلەرنى دىجىتاللىشىش مۇساپىسىدىن ئايرىم چۈشىنىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن مەھمەت زايىد سوباجى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاخبارات باشلىقلار يىغىنىدا تارىخىي چاقىرىق قىلدى.

ئۇ: «بىز دۆلەت ئاخباراتچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، خاتا ئۇچۇر ۋە مەقسەتلىك ئۇچۇر تارقىتىشقا قارشى بارلىق كۈچىمىز بىلەن كۈرەش قىلىدىغان مۇھىم ئىدارە-ئورگانلار ھېسابلىنىمىز. دۆلەت ئاخباراتچىلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەسئۇلىيىتىمىز بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئاشقۇنلۇق، كىرىم ئادالەتسىزلىكى، دۇنياۋى تېررورىزم، ئىنتېرنېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئېكولوگىيەلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا جەمئىيەتنى مەلۇماتقا ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. دۇنياۋى تېررورىزمغا قارشى ئەڭ كۈچلۈك كۈرەش قىلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ ئاخبارات ئورگىنى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تېررورىزمنىڭ مەنبەسى ۋە نىشانى قەيەر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىرلىكتە قارشى تۇرۇش نۇقتىسىدا ساغلام ھەمكارلىق ئورنىتىشنى چاقىرىق قىلىمىز» دېدى.

«تۈركىيە ئامېرىكادىن قالسىلا قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىملىرى ئېكسپورتىدا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ»

مەھمەت زايىد سوباجى ت ر ت نىڭ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىملىرى ۋە ئورتاق فىلىم ئىشلەش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن دىجىتال خىزمەتلىرى ھەققىدىمۇ توختالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«دۇنيانىڭ ت ر ت قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىملىرىغا قىزىقىۋاتقانلىقى توغرىسىدا توختىلىشنى خالايمەن. تۈركىيە ئامېرىكادىن قالسىلا قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىملىرى ئېكسپورتىدا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ مۇۋەپپەقىيەت نەتىجىسىدە ئىدارىمىزنىڭ دۇنيا مىقياسىدا قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى سېتىش ساھەسىدىكى خىزمەتلەرگە باشچىلىق قىلىشىنى ئېغىزغا ئالماي تۇرالمايمىز. قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىملىرى، ئورتاق ئىشلەنگەن فىلىملار ۋە قونچاق فىلىملىرىگە بولغان تەلەپ ئىنتايىن يۇقىرى. كېيىنكى ئايلاردا خەلقئارا ت ر ت دىجىتال ۋىدېئو سۇپىمىزنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. بۇ دىجىتال سۇپا ۋە تەييارلىنىدىغان يېڭى مەزمۇنلار؛ بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاخبارات بىرلەشمىسىنىڭ ئىقنتېرنېت تورى ئېلىش-سېتىش سىستېمىسى سۇنغان ئىمكانىيەتلەر ھەمدە ئۆزئارا ھەمكارلىق پۇرسەتلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىشىمىزغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. ت ر ت ۋابا مەزگىلىدە ياۋروپا ئاخبارات بىرلەشمىسىنىڭ <Content Appeal> نامى ئاستىدا باشلىغان ۋە ئەزا بولغانلار ھەقسىز پىروگراممىغا ئېرىشەلەيدىغان پىروگرامما مۇندەرىجىسى يۇمتالىغا، ھۆججەتلىك فىلىم، درامما قاتارلىق ئوخشىمىغان كاتېگورىيەلەر بويىچە ئاكتىپ ھەسسە قوشتى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ت ر ت كىنو فىلىمى ساھەسىدىمۇ خەلقئارالىق ھەمكارلىقلارنى كۈنسېرى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالغا كەلتۈرۈپ، ئۆزى ھەققىدىكى قىزىقىشنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. يېقىنقى ئۈچ يىلدا ت ر ت ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن كىنو فىلىملىرى، كان، بېرلىن، كارلوۋى ۋارى، ۋېنېدىك، سان سېباستىيان، ۋاراشاۋا ۋە لوكارنو قاتارلىق 300 دىن ئارتۇق دۆلەتلىك ھەمدە خەلقئارالىق فىلىم فېستىۋاللىرىدا تەخمىنەن 275 مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ت ر ت خەلقئارالىق فىلىم فېستىۋاللىرىدا بېرىلگەن ت ر ت ئالاھىدە مۇكاپاتلىرى، باشقا ئىدارە-ئورگانلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقلىرى بىلەنمۇ، بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقلارغا تۆھپە قوشۇۋاتىدۇ.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاخبارات بىرلەشمىسىنىڭ باش دىرېكتورى نوئېل كۇرران سۆزىنى ت ر ت غا بۇ كاتتا يىغىنغا ساھىبخانلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىش بىلەن باشلىدى.

ئۇ: «بىزنىڭ بىللە بولۇشىمىز ئىنتايىن قىممەتلىك. بىز بۇ پۇرسەتتە ت ر ت بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىزنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ياۋروپادىكى ئاممىۋى ئاخبارات تارقىتىش ۋاسىتىلىرىنى بىر يەرگە توپلاش مەقسىتىدە قۇرۇلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاخبارات بىرلەشمىسى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئاممىۋى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بىرلەشمىسىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر