شىرناكتا ئىككى تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى

شىرناكنىڭ بەستلەر دەرەلەر رايونىدا «5-ئەرەن قورشاۋ ھەرىكىتى» رامكىسىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىككى ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.

1830614
شىرناكتا ئىككى تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى شىرناكنىڭ بەستلەر دەرەلەر رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىككى ئەزاسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، شىرناك قوراللىق ساقچى قىسىم رايونلۇق قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ كوردىناتسىيەسى ئاستىدا، بەستلەر دەرەلەر رايونىدا ئالاھىدە ساقچى قىسىم تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە ئىككى تېررورىستنىڭ بىر تەەپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، رايوندا ھەرىكەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۇنجەلىنىڭ ئوۋاجىك ناھىيەسى ئەتراپىدا «7-ئەرەب قورشاۋ شېھىت ژاندارما ئوفىتسېرى بۇراك تورتۇملۇ» ھەرىكىتىدە، تېررورىستلارنىڭ 10 پاناھلىنىش جايىنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر